-
2010-11-03
MT4سودا سېستىمىسىنى ئىشلىتىش قوللانمىسى(4) سودا مەشغۇلاتى - [تاشقى پرىۋورت ئاساسى بىلىملىرى]
7.سودا مەشغۇلاتى.

سودا سېستىمىسىدا پۇل گورۇپپىلىرىنى ئۆسۈشكە ياكى چۈشۈشكە ئالىدىغان كۆزنەك (定单窗口)نى تۆۋەندىكى 3 خىل ئۇسۇل ئارقىلىق چىقىرالايمىز:
1) سانلىق باھا كۆرسىتىش كۆزنىكىدە سودا ئوبىكتى قىلىنىدىغان پۇلنى قوش چېكىش ئارقىلىق ؛
2) گىرافىكلىق باھا كۆرسىتىش كۆزنىكىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىش ئارقىلىق(交易--->>新订单) ؛
3) سانلىق باھا كۆرسىتىش كۆزنىكىدە سودا ئوبىكتى قىلىنىدىغان پۇلنى مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ(新定单)نى تاللاش ئارقىلىق؛
سودا سېستىمىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا پەيىتلىك سودا(即时成交)ۋە ئاسما سودا(挂单交易) دەپ ئىككى خىل بولىدۇ

1) پەيتلىك سودا.
پەيتلىك سودا دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شۇ ۋاقىتتىكى باھا بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان سودىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالماقچى بولغان پۇلنى ھەمدە ئۆسۈشكە ياكى چۈشۈشكە ئېلىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، مال مىقدارىنى يەنى قول سانىنى بەلگىلەيمىز.(手数)
ئىككىنچى قەدەمدە زىياننى تىزگىنلەش باھاسى(止损价) ۋە پايدا ئېلىش باھاسى (获利价) نى بېكىتىمىز، بۇ باھالار بىلەن ھازىرقى باھا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 10 نۇقتا پەرىق قىلىشى كېرەك.
ئۈچىنچى قەدەمدە، سودا تۈرى(交易类型) سىتونىدىن پەيتىلىك سودا(即时成交 ) نى تاللاپ ئۆسۈشكە ئالماقچى بولساق كۆك كونۇپكىنى(买) ، چۈشۈشكە ئالماقچى بولساق قىزىل كونۇپكىنى (卖) نى باسساق بولىدۇ.
2) ئاسما سودا
ئاسما سودا دىگىنىمز مەلۇم بىر خىل پۇل گورۇپپىسىنىڭ مۇئەييەن بىر باھاغا كېلىشىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ،
باھانىڭ مۇشۇ نۇقتىغا كەلگەندىن كىيىن، مۇشۇ پۇل گورۇپپىسىنىڭ ئۆسۈش ياكى چۈشۈش يۆنىلىشى بويىچە بازارغا كىرىشنى ئالدىن بەلگىلىپ قويىدىغان سودا ئۇسۇلىدىن ئىبارەت.مەسىلەن ھازىر ياۋرۇ –ئامېرىكا دوللىرى1.3800 ، بىز ئاساسى ئانالىز ۋە تېخنىكىلىق ئانالىز ئارقىلىق باھانىڭ ئۆسۈپ1.3900 گە كەلگەندە ئۆسۈش يۆنىلىشىنىڭ مۇقۇملىشىپ قالىدىغانلىقىنى، مۇشۇ 1.3900 نۇقتىدا ئۆسۈشكە كىرسەك، پايدا ئېلىش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى تەھلىل قىلىپ چىققان بولساق، سېستىمىنىڭ ئاسما سودا رولىدىن پايدىلىنىپ مال مىقدارىنى مۇۋاپىق بەلگىلەپ ، 1.3900 دا ئۆسۇشكە كىرىشنى ئالدىن بەلگىلەپ قويساق،باھا ئۆسۈپ 1.3900 غا چىققاندا ئاپتۇماتىك ھالدا ئۆسۈشكە مال ئېلىنىدۇ.
ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بۇخىل ئاپتۇماتىك ئاسما سودا ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز؟
ھەممىمىزگە مەلۇم، تاشقى پېرېۋورت سودىسىدا چوڭ يۆنىلىش بىلەن سودا قىلىش سودىدا پايدىغا كىرىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى،باھانىڭ توساق(بېسىم)نۇقتا ،ۋە تايانچ(تىرەك) بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىش ھالەتلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بىز باھانىڭ يىڭى بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلەلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن تاشقى پېرېۋورت بازىرى 24 سائەت داۋام قىلىدىغان بازار بولغاچقا، باھانىڭ بۇ توساق ياكى تايانچ نۇقتىلارنى قاچان بۆسۈپ ئۆتىشىنى بىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا بازارغا كىرەلمىسەك،پايدا ئالىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز. شۇڭا بۇ سودا سېستىمىسدا ئالاھىدە ئاسما سودا ئىقتىدارى سەپلەنگەن.
ئاسما سودا مەشغۇلاتىدا:
ئالدىدا كۆرسەتكەن ئۇسۇل بويىچە، (新订单窗口) نى چىقارغاندىن كېيىن ،交易类型 دىن 挂单交易 نى تاللايمىز.
ئالماقچى بولغان پۇلنى ھەمدە ئۆسۈشكە ياكى چۈشۈشكە ئېلىشنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز.
يەنى ئۆسۈشكە كىرمەكچى بولساق bay setop نى، چۈشۈشكە كىرمەكچى بولساق sell setop نى چېكىمىز.
ئىككىنچى قەدەمدە بازارغا كىرىش نۇقىسىنى价位) نى) (بازارغا كىرىش نۇقىسى ھازىرقى باھا بىلەن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 10 نۇقتا پەرىق قىلىشى كېرەك) ،مال مىقدارىنى يەنى قول سانىنى بەلگىلەيمىز.(手数)
ئىككىنچى قەدەمدە زىياننى تىزگىنلەش باھاسى(止损价) ۋە پايدا ئېلىش باھاسى (获利价) نى بېكىتىمىز، بۇ باھالار بازارغا كىرىش نۇقتىسى بىلەن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 10 نۇقتا پەرىق قىلىشى كىرەك.
ئۈچىنجى قەدەمدە ھەممە ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كىيىن(下单) نى باسساق ئاسما سودا تامام بولىدۇ.
بۇ يازمىنىڭ بېشىنى ياكى داۋامىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ.
MT4سودا سېستىمىسىنى ئىشلىتىش قوللانمىسى(1) سودا سېستىمىسىنى قاچىلاش
MT4سودا سېستىمىسىنى ئىشلىتىش قوللانمىسى(2) تەقلىدى ھېساپ ئېچىش
收藏到:Del.icio.us
