ئۆتكۈر: مەزكۇر بلوگدا ئېلان قىلىنغان تىما ۋە بازار تەھلىللىرى پۈتۈنلەي شەخسنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،مەبلەغ سېلىش ياكى بازارغا كىرىشنىڭ ئاساسى قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ!

  • 2010-09-09

    تاشقى پېرىۋوتچىلارنىڭ 5 باسقۇچى - [سودىدىن تەجىرىبە]

    1- باسقۇچ: بۇنىڭ قىلىشقا بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ۋاقتىڭىز. مانا بۇ سىزنىڭ سودىغا كىرىشكەن تۇنجى ۋاقتىڭىز.
    نۇرغۇنلىغان مىليونىرلارنىڭ پۇل تېپىش ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ. " سودا" نىڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدان نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىز. بىراق ئەپسۇسلىنىدىغان يېرى، بۇ سىزنىڭ ئەمدىلەتىن ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنۋاتقان چېغىڭىزغا ئوخشاش بولۇپ، " نىمانداق ئاسان" دەپ ھاياجانلاندىڭىز، بىراق سىز باشلىنىشى بىلەنلا بۇنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى ھېس قىلدىڭىز. گەرچە باھادا پەقەت ئۆسۈش بىلەن چۈشۈشتىن ئىبارەت ئىككىلا يۆنىلىش بولسىمۇ، بۇنىڭ ئارقىسىغا كۆپلىگەن نەرسىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىز. " زادى نېمىلەر يوشۇرۇنغان بولغىيتى؟، مەن بىر يېشىپ باقايچۇ؟!' دەپ ئويلىدىڭىز، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇ سىزنىڭ تۇنجى قېتىم ماشىنا رولىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، رولىنى قاياققا بۇراشنى بىلمىگەن ۋاقتىڭىزغا ئوخشاش بولۇپ، تېزلا نىمە قىلارىڭىزنى بىلەلمەي قالدىڭىز. شۇڭا توختىماستىن سودا قىلدىڭىز، توختىماستىن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدىڭىز، بەزىدە  بازارغا ئەمدىلا كىرىشىڭىزگە بازار تەتۈر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭاتتى، شۇنىڭ بىلەن دەرھال تەتۈر يۆنىلىشكە مال ئالدىڭىز، يەنە تەتۈرىگە ئالدىڭىز، يەنە تەتۈرىگە ئالدىڭىز........ بەلكىم سىز باشلانغاندىلا ئوڭۇشلۇق باشلىغان بولۇشىڭىز مۈمكىن، بىراق بۇ تېخىمۇ خەتەرلىك، چۈنكى بۇ سىزنىڭ چوڭ مېڭىڭىزگە " سودا قىلىش بەك ئاسانكەن" دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز " خالىغانچە، ئەركىن-ئازادە" سودا قىلىشقا كىرىشىپ كەتتىڭىز. زىيان چىقسا ھەسسىلەپ ئالدىڭىز، خۇددى بىر يۈەن ئۇتتۇرسا كېلەر قېتىم 2 يۈەن دوغا تىككەندەك. بەزىدە تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ " ئۇتۇۋالدىڭىز"  بىراق كۆپىنچە ۋاقلاردا ھەسسىلەپ زىيان تارتىپ كەتتىڭىز. بۇ چاغدا ئۆزىڭىزنىڭ بىر يېڭى پىروۋوتچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنۇتقان ئىدىڭىز. بۇ باسقۇچ ئادەتتە 1 ھەپتىدىن 2 ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ، ئۇزۇنغا قالمايلا ئىككىنچى باسقۇچقا قەدەم قويىسىز.



    2- باسقۇچ: بۇ ئىشنىڭ قىلىشقا بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىز.

    بۇ باسقۇچتا، سىز سودا قىلىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن يەنە بەزىبىر خىزمەتلەرنى ئىشلىمىسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلسىز. " ئەتىدىن باشلاپ تىرىشىپ ئۆگىنەي" دەپ ئويلىدىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ لاياقەتسىز پېرىۋوتچى ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىڭىز، شۇڭا" مەندە پايدا ئېلىشقا كېرەك بولىدىغان تېخنىكا كام ئىكەن" دەپ ئويلاپ، خىلمۇ-خىل ئاپتوماتىك سودا قىلىش دېتاللىرىنى سىناشقا كىرىشتىڭىز، بىرمۇنچە ئېل كىتابلارنى ئوقۇدىڭىز، تالاي مۇنبەرلەرنى ئارىلىدىڭىز، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ " چوقۇم پايدا ئالىدىغان سېستىما" رىڭىزنى تۈزۈشكە كىرىشىپ كەتتىڭىز.  ھەركۈنى ئۇ سېستىما، بۇ سېستىمىلارنى سىناشقا باشلىدىڭىز، بىراق سىز بىرمۇ قېتىم بىرەر سېستىمىنى ئەتراپلىق، تولۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىناپ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىڭىز. ھەر قېتىم بىرەر كۆرسەتكۈچلەرنى بىلىۋالغىنىڭىزدا ھاياجاندىن سەكرەپ كەتتىڭىز، " تەڭپۇڭ سىزىقى"، " فىبوناچى سىزىقى"، " توساق، تىرەك سىزىقى" يەنە ئاللىقانداق سىزىقلارنى ئويناپ، يېڭىلمەس سودا قىلغۇچى سېستىمىڭىزنىڭ بۈگۈنلا پەيدا بولىشىنى ئارزۇ قىلىپ يۈردىڭىز.  ئۆزىڭىزنىڭ كۆرسەتكۈچلىرى ئارقىلىق بازار يۆنىلىشىنى توپتوغرا  نۇقتىسىنى تاپماقچى بولدىڭىز، گەرچە ئۆزىڭىزنى يەنىلا زىيان تارتىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقىغان بولسىڭىزمۇ، يەنىلا بوشاشماستىن ئىزدىدىڭىز.چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋاتقانلىرىڭىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتىڭىز. شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى چايخانىلارنى پىرقىراپ يۈردىڭىز، بەزى پىروۋوتچىلارنىڭ پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە " نىمە ئۈچۈن پۇل تاپقىنى مەن ئەمەس" دەپ خۇرسىنىپ يۈردىڭىز. توختىماي سۇئال سورايدىغان بولدىڭىز، ئاستا-ئاستا بىر گۇمانىزىمچىغا ئايلىنىپ " بۇ پايدا تېپىۋاتقانلار يالغانچىلار، ئۇلارنىڭ بۇنداق پايدا تېپىشى مۈمكىن ئەمەس " دەپ ۋارقىراشقا باشلىدىڭىز. چۈنكى سىزنىڭچە سىز " ئۆگەنگەن " بولسىڭىزمۇ زىيان تارتىۋاتقان ئىدىڭىز. ئۇلار بولسا يەنىلا پايدا ئېلىۋاتاتتى. پايدا ئېلىۋاتقان پېرۋوتچىلار سىزگە ھەقسىز يول كۆرسەتسىمۇ، سىز يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭكىنى توغرا دەپ تۇرىۋالاتتىڭىز. كېينچە باشقىلارغا ئەگىشىدىغان بولدىڭىز، بىراق بۇنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ياخشى بولمىدى. يىغىپ كەلگەندە سىز يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭكىنى ھەممىدىن توغرا دەپ قارايتىڭىز. بۇ باسقۇچ ئادەتتە بىر يىلدىن 3 يىلغىچە داۋاملىشىدۇ. سان-ساناقسىز مەغلۇبىيەتلەردىن كېيىن ئوڭايلا بازاردىن بەل قويىۋىتىسىز، تەخمىنەن 60% يېڭى پىروۋوتچىلار ئالدىنقى 3 ئايدىلا بازاردىن چېكىنىدۇ. بىراق بۇمۇ يامان ئىش ئەمەس، ئەگەر سودا قىلىش شۇنداق ئاسان ئىش بولىدىغان بولسا ھەممەيلەن مىليونىر بولۇپ كەتكەمدۇق؟! قالغان %20 كىشى بىر يىلغىچە بەرداشلىق بىېرەلەيدۇ، يەنە قالغان %20 كىشى 3 يىلغىچە چىدىيالايدۇ. 3 يىل چىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدىنمۇ پەقەت %5-%10 بولغىنى ھەقىقى تۈردە ئۈزۈپ چىقالايدۇ، يەنى بۇلار پۇل تېپىۋاتقان بولىدۇ ( بۇلار ھەرگىزمۇ توقۇلما ئەمەس) . ئەگەر سىز پىۋروۋوت سودىسى قىلىۋاتقىلى 3 يىل بولغان بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ سىز بۇندىن كېيىن %100 پىرسەنت پايدا ئالالايسىز دېگەنلىك ئەمەس. سودىدا پايدا ئالالايدىغان بولغانلار كەم دىگەندىمۇ 3 يىل ۋاقىتنى ئۆتكۈزگەن دېگەنلىك. بۇ چاغدا سىز ھېساباتىڭىزنى 2-3 قېتىم ئېتىۋەتكەن، 3-4 قېتىم ئۈزۈل كېسىل قول ئۈزمەكچى بولغان بولىسىز، ئەمما تۇيۇقسىز بىر كۈنى 3- باسقۇچقا بېرىپ قالىسىز.



    3-باسقۇچ: تۇيۇقسىز ئويغىنىش.

    ئىككىنچى باسقۇچنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، سىز  ئاستا-ئاستا  ئوخشاش بولمىغان سودا قىلىش سېستىمىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىڭىز، ئەمىلىيەتتە ئاددى بولغان بىر تال تەڭپۇڭلۇق سىزىقىنى پاراللېل يۆتكەش ئارقىلىقلا پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم كەيپىياتىڭىز ۋە مالىيە باشقۇرىشىڭىز توغرا بولىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىڭىز، شۇنىڭ بىلەن بەزىبىر سودا پىسخىكىسىغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلىدىڭىز. تۇيۇقسىز ئويغاندىڭىز، بۇ خۇددى كاللىڭىزدىكى ئىككى نېرۋا تۇيۇقسىز تۇتاشقاندەك ئىش بولۇپ، ئاخىرى پەقەت سىزلا ئەمەس، بارلىق پروۋوتچىلارنىڭ 20 مىنۇتتىن كېيىنكىسى ئۇياقتا تۇرسۇن، 20 سىكۇنتتىن كېيىن بازار يۆنىلىشىنىمۇ پۈتۈنلەي توغرا مۆلچەرلەپ بېرەلمەيدىغانلىقى بىلىپ يەتتىڭىز. مانا بۇ بايقىشىڭىز سەۋەبلىك، باشقىلارنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشنى توختاتتىڭىز. دىققىتىڭىزنى سانلىق مەلۇمات ۋە خەۋەرلەرگە قارىتىپ، بۇلارنىڭ بازارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا دىققەتتە بولىدىغان بولدىڭىز. سىز مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل سودا قىلىش ئۇسۇلىڭىز بويىچە سودا قىلىدىغان، مۇستەقىل تاشقى پروۋوتچىغا ئايلاندىڭىز.  بەزىدە زىيان تارتىپ قالغان چاغلىرىڭىزدا " مەندە خاتالىق يوق، مېنىڭ بازارنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلىشىم مۈمكىن ئەمەس" دەپ ئويلايدىغان بولدىڭىز، زىيان چىققاندا قىلىدىغان ئىشىڭىز بولسا ، تەمتىرىمەستىن قولىڭىزدىكى مالنى سېتىۋېتىش بولدى. سودىنىڭ نەتىجىسىگە بىر قول بىر قولدىن قارىماستىن، ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشلەردىن قارايدىغان بولدىڭىز. ئاخىرى توغرا بولغان مالىيە باشقۇرۇشنى ئۆگەندىڭىز، بۇ چاغدا سىز مالىيە بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ بولغان ئىدىڭىز. بەزىدە  بۇرۇن بىرەيلەننىڭ سىزگە مۇشۇنداق پىكىرنى بەرگەنلىكىنى ئېسىڭىزگە ئالغىنىڭىزدا كۈلۈ پ قويۇپ ؛" ئۇ چاغدا بەك ياشكەنمەن،  ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتىم دەپ قويىدىغان بولدىڭىز.

    تۇيۇقسىز ئويغىنىش ___ سىزنىڭ بۇ بازارنىڭ مەڭگۈ توپتوغرا مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان بازار ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىپ يەتكىنىڭىزدە پەيدا بولىدۇ.


    4-باسقۇچ:بۇنىڭ قىغىلى بۇلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىڭىز.
    ئۆزىڭىزنىڭ سودا سېستىمىسى سىزگە نىمىنى كۆرسىتىپ بەرسە،شۇنى قىلىڭ. زىياننى پايدىنى قۇبۇل قىلغاندەك قۇبۇل قىلىڭ.سىز ھازىر پايدىڭىزدىن كىچەلەيدىغان بولدىڭىز،زىيەننى قۇبۇل قىلىش ۋە سىسىتىمىڭىزنىڭ ئۇ زىيانغا قارىغاندا تىخىمۇ كۆپ پايدا ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلىسىز. زىيان كۆرۈلگەندە، ىز پەرۋاسىز ھالدا ،مالنى قولىڭىزدىن چىقىرۋىتىپ،"بۇ پەقەت مىنىڭ ھىساباتىنغا كەلگەن ئازغىنا زىيان"دىيەلەيدىغان بولدىڭىز،كۆپلىگەن ۋاقىتلاردا ،سىز  پايدا -زىيان ئارسىدا قالىسىز،بۇگۈن پايدا كۆرۈپ،ئەتىسى زىيان تارتىپ دىگەندەك، بەزى ۋاقىتلاردا بۇ ھەپتىسى 100نۇقتا پايدا كۆرسىڭىز،كىلەركى ھەپتىسى 100نۇقتا زىيان تارتتىڭىز، ئادەتتە سىز پايدا زىيان ئارلىقىدا قىلىپ، جىق زىيان تارتىپ كەتمىدىڭىز. بۇ ۋاقىتتا سىز ئۆزىڭىزنى ياخشى بولغان سودا قىلغۇچى دېپ ئويلىدىڭىز ھەم مۇنبەردىكى باشقا تورداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتىڭىز. سىز داۋاملىق سودا سېستىمىڭىز تورىسىدا ئويلىشىۋاتىسىز، ئەمما بۇ جەرياندا ، پايدىڭىز زىيىنىڭىزدىن كۆپ بۇلۇپ كەتتى،بۇگۈن ،باشتا 20نۇقتا يەڭدىڭىز، كىيىنلا 35 نۇقتا زىيان تارتتىڭىز،ئەمما بۇنچىلىك زىيانلارغا ئۇنچە ئىتىبار بېرىپ كەتمەيدىغان بۇلۇپ قالدىڭىز،چۈنكى سىز بۇ زىيانلارنىڭ ھامان تۇلۇقلىنىدىغانلىقىنى بىلىسىز.سىز ھەر ھەپتە پايدا ئىلىشقا قاراپ يۇزلەندىڭىز ،بۇ ھەپتە 25 نۇقتا ،كىلەركى ھەپتىسى 50نۇقتا دىگەندەك،......بۇ خىل جەريان 6ئاي داۋاملىشىدۇ.
    5-باسقۇچ:  مۇكەممەللىشىش.

    ئاخىرى قولغا كەلتۈردىڭىز، خۇددى ماشىنا ھەيدىگەندەك، خۇددى ئېقىن سۇدەك ئەركىن ئازادە سودا قىلىدىغان بولدىڭىز. بىر كۈندە 200نۇقتا پايدا تاپسىڭىزمۇ 1 نۇقتا پايدا ئالغانغا ئوخشاش دەرىجىدە خوشاللىنىدىغان بولدىڭىز. مۇنبەرلەردە يېڭى پروۋتچىلارنىڭ پۇل تېپىش توغرىسد جار سېلىپ يۈرگىنىنى كۆرگەندە بۇرۇنقى ئۆزىڭىزنى كۆرگەندەك بولىسىز. سىز سودا قىلىشنىڭ ئېپىنى پۈتۈنلەي بىلىۋالغان ئىدىڭىز. كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلالايدىغان بولدىڭىز، سىز بىر ھەقىقى تاشقى پروۋوتچىغا ئايلانغان ئىدىڭىز. مۇنبەر چايخانىلارنىڭ چولپىنىغا ئايلاندىڭىز، ھەممەيلەن سىزنىڭ پىكرىڭىزنى ئاڭلاشنى خالايدىغان بولدى.  سىز ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىدىن 2 يىل بۇرۇنقى ئۆزىڭىزنى كۆرگەندەك بولدىڭىز. كۆز قاراشلىرىڭىزنى بايان قىلىشقا باشلىدىڭىز، بىراق بۇنىڭ پايدىسى يوقلىقىنى بىلەتتىڭىز، ئۇلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆزىڭىزگە ئوخشاش بولىدىغانلىقىغا ، بەزىلەرنىڭ تېزراق، بەزىلەرنى ئاستىراق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىڭىز. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا 2- باسقۇچقا ئۆتەلىشى ناتايىن بىراق ئۆتىدىغانلىرى چوقۇم چىقىدۇ. سودا قىلىش سىزنى بۇرۇنقىدەك ھاياجانلاندۇرمايدىغان بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي زېرىكىش ھېس قىلىشقا باشلىدىڭىز. خۇددى دۇنيادىكى باشقا ئىشلارغا ئوخشاش، ناھايىتى ياخشى قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىڭىزمۇ يەنىلا داۋاملاشتۇرۇپ قىلىشىڭىزغا توغرا كېلەتتى.  قېتىرقىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ سودا ئۇسۇلىڭىزنى پەيدا قىلدىڭىز، بۇ سىزگە ئەڭ چوڭ پايدا ئەكىلەتتى، زىيان بولسا ئاشمىغان ئىدى. ئاخىرى باشقىلار تولا دەيدىغان " سېزىم" گە ئىگە بولدىڭىز، بىراق بۇنى باشقىلارغا دەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق دەپ كەمتەرلىك بىلەن يۈرىۋەردىڭىز. سىزنىڭ سودا قىلىش ئۇسۇلىڭىز ئۆزگەرمىدى ، بىراق سودىنى بارغانسىرى ياخشى قىلىدىغان بولۇپ كەتتىڭىز.

    خاتىمە
    ئېسىڭىزدە بولسۇنكى %5 ئادەملا ئەڭ ئاخىرقى 5-باسقۇچقا بارالايدۇ، بىراق بۇ قابىلىيەتنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى قەتئىي بوشاشماسلىقنىڭ مەھسۇلى. مەغلۇب بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر كېچىدىلا بېيىپ كەتمەكچى بولغانلار، بۇ خىل خىيالنىڭ خاتالىقى يوق، بىراق ئۇلار بازارغا كىرىپ 6 ئايدىلا بازارغا باشقىچە قارايدىغان بولۇۋېلىپ، ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغىنى:" مانا بۇ مەن كۆرگەن ئەمىلىيەت، مانا بۇ مەن بايقىغان قانۇنىيەت" ئۇلار يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ئۆزگەرتىشتىن قاچىدۇ.  ئەينى چاغدا مەنمۇ بازارغا بىر كېچىدىلا بېيىپ كەتسەم دەپ كىرگەن، بىراق ھازىر بولسا " ئالدىرماي بېيىسام بولىدۇ" دەپ ئويلايدىغان بولدۇم. ئەگەر سىز بۇ بازاردىن ۋاز كەچمەكچى بولسىڭىز، سىز گە قىلىدىغان نەسىھىتىم:" پۈتتۈرگەندىن كېيىن يىللىق كىرىمى مىليونغا يېتىدىغان خىزمەت تېپىش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپتە قانچە يىل ئوقۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ؟"

    تۈگىدى.                               مۇئەللىپ: قۇتماكان


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن تېخى بىرنچى باسقۇچقىمۇ كىرمىدىم. ئالتىنچى باسقۇچقا بېرىشقا نۇرغۇن جەريان كىتىدىكەن. مۈشكۈل ... مۈشكۈل...