-
2010-09-07
ئۇيغۇر پرىۋورتچىلار ۋە ئالتۇن سودىسى قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىدە QQ توپى قۇرۇلدى!!! - [بلوگ باياناتى]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك پرىۋورتچى دوسلار،مەن ئالدى بىلەن كەڭ پرىۋورتچى دوسلارنىڭ بلوگىمنى دائىم زىيارەت قىلىپ،قوللاپ كەلگەنلىكىگە، ۋە پايدىلىق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بىرىپ تۇرغانلىقىغا چىن دىلىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن.
تاشقى پرىۋورت سودىسى ئوزىنىڭ كۆپ خىل ئەۋزەللىكلىرى بىلەن زور كۆپ سانلىق ئۇيغۇر مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قلماقتا، ۋە ئاللىقاچان بۇ بازارغا كىرىپ بولغان پرىۋوورتچى دوسلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشقا ئېرىشمەكتە،مەن يېقىندا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە تاشقى پرىۋورت سودىسىنى چۇشەندۈرىدىغان، بۇ بازار ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدىغان تور بەت ۋە ئۇچۇرلەرنىڭ تولىمۇ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، ۋە بۇ بازارغا كىرمەكچى بولغانلارغا ۋە بازاردا سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا ئازدۇر- كۆپتۇر ياردىمى بوپ قالسىكەن دىگەن ئۈمىتتە بۇ بلوگنى قۇردۇم. ۋاھالەنكى، بلوگ ئىقتىدارىنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى پرىۋورتچى دوسلارنىڭ تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش ئىھتىياجىنى يىتەرلىك قامدىيالمىدى.شۇڭا دوسلارنىڭ ئەركىن تەجىرىبە ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن بىر ئالاھىدە چ چ توپى قۇرۇلدى. بۇ توپ مەخسۇس ئۇيغۇر تاشقى پرىۋورتچىلىرى ۋە ئالتۇن سودىسى قىلغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. چ چ توپ نۇمۇرى: 92862483 .
ئۇيغۇر تاشقى پرىۋورت ئالاھىدە توپى كەڭ دوسلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
收藏到:Del.icio.us

评论