ئۆتكۈر: مەزكۇر بلوگدا ئېلان قىلىنغان تىما ۋە بازار تەھلىللىرى پۈتۈنلەي شەخسنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،مەبلەغ سېلىش ياكى بازارغا كىرىشنىڭ ئاساسى قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ!

  • 2011-05-16

    تاشقى پىرىۋوت سودىسىدا مەبلەغنى قايسى ئۇسۇلدا كىرگۈزىۋاتىسىز؟ - [تاشقى پرىۋورت ئاساسى بىلىملىرى]

    تاشقى پىرىۋوت سودىسىدا مەبلەغ قايسى خىل يوللار ئارقىلىق كىرگۈزىلىدۇ؟ بۇ تاشقى پىرىۋورت سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن بىر مۇھىم مەسىلە.

    مەن تۆۋەندە تاشقى پىرىۋورت سودىسىغا مەبلەغ كىرگۈزىشنىڭ بىر نەچچە خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

    2008-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگو بانكا ئشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتىتى ھۆججەت چۈشۈرۈپ  دۆلىتىمىز ئىچىدىكى بارلىق بانكىلادىن كاپالەتلىك تاشقى پېرىۋوت كەسپىنى توختىتىشنى قارار قىلدى.كاپالەتلىك تاشقى پىېرىۋوت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلا پەقەت چەت ئەللەردىكى تاشقى پېرىۋوت شىركەتلىرىدىن ھېساپ ئېچىپ، مەبلەغنى چەت ئەللەردىكى تاشقى پېرىۋوت شىركەتلىرىگە يوللاپ سودا قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

    نۆۋەتتە ھەر قايسى تاشقى پېرىۋوت شىركەتلىرى خېرىدارلارنى  خىلمۇ خىل مەبلەغ كىرگۈزۈش ئۇسۇللىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقلىرى بار.

    1.بانكا ئارقىلىق مەبلەغ كىرگۈزۈش(银行电汇)

    بۇ خىل مەبلەغ كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇسۇل بولۇپ، بىخەتەرلىك دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى.كۆپ سوممىلىق مەبلەغ كىرگۈزۈشكە بىر قەدەر ماس كىلىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى:

    1)رەسمىيەت جەريانى مۇرەككەپ ھەم قىيىن،كۆپ جەدىۋەللەرنى تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۈنۈملۈك كىملىكىڭىزنى ئېلىپ بانكا كۆزنىكىگە بېرىپ بىجىرىسىز؛ رەسمىيەت ھەققى يۇقۇرى، ھازىرچە دىيارىمىزدا جۇڭگو بانكىسىدا بۇ خىل كەسىپنى بىجىرىش قولايلىقراق.  دۆلىتىمىز بانكىلىرىنىڭ چەت ئەللەردە تارماق ئورگانلىرى ناھايىتىمۇ ئاز بولغانلىقتن مەبلەغ چەتئەلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن يەنە بانكا ئالمىشىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.

    2)قاتتق بولغان دۆلەت تاشقى پېرىۋوت سىياسىتىنىڭ رىجىمىغا ئۇچرايدۇ. بانكا ھەمىشە رەسمىيەت بىجىرىپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا باشقا جايلاردىكى بانكىلارغا بېرىپ سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلدا بىر كىملىك بىلەن بىر يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 50000دوللار يوللىغىلى بولىدۇ.

    3)رەسمىيەت بىجىرىۋاتقاندا بانكا خادىمى سىزدىن پۇل يوللاشنىڭ سەۋەبىنى سورايدۇ، يەنى سىز تولدۇرىۋارتقان جەدىۋەلدە شۇ مەزمۇن بار.بۇ چاغدا سىز تاشقى پېرىۋوت سودىسى قىلىدىغانلىقىڭىزنى قەتئى ئېيتماسلىقىڭىز كېرەك. ئەگەر بانكا خادىمى سىزنىڭ تاشقى پېرىۋوت شىركىتىگە پۇل يوللاۋاتقىنىڭىزنى بىلىپلا قالسا سىزگە ھەرگىز رەسمىيەت بىجىرىپ بەرمەيدۇ.

    2.پوچتا ئارقىلىق مەبلەغ يوللاش.(邮政汇款)

    بۇ ئۇسۇلدا سىز ئالدى بىلەن قولىڭزىدىكى خەلق پۇلىنى دوللارغا ئايرىۋاشلاپ تەييارلىۋىلىشىڭىز كىرەك. رەسمىيەتنى پوچتا ئىدارىسىنىڭ كۆزنىكىدە بىجىرىسىز. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 90 يۈەن پوچتا ھەققى ۋە 11دوللار بانكا ئالمىشىش ھەققى چىقىدۇ. 2 يىل ئالدىن دۆلەت پوچتا تارماقلىرىغا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، تاشقى پېرىۋوتقا دائىر  چەت ئەلگە پۇل يوللاش كەسپىگە چەك قويغان بولۇپ  بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئوخشاشلا تاشقى پېرىۋوت شىركىتىگە پۇل يوللاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىندۈرمەسلىكىڭىز كېرەك.

    بۇ خىل ئۇسۇلدا مەبلەغ كىرگۈزسىڭىز مەبلەغ ئىككى ئۈچ خىزمەت كۈنىدە ھىساۋاتىڭىزغا كىرىدۇ.

    3.ئىناۋەتلىك كارتا ئارقلىق مەبلەغ كىرگۈزۈش.

    سىزدە پەقەت VISAياكى MASTER CARD  بەلگىسى بار بولغان، بىرلا ۋاقىتتا دوللار ۋە خەلق پۇلى مەشغۇلاتى قىلغىلى بولىدىغان 双币种信用卡   كارتا بولسىلا بولىدۇ،بۇ خىل ئۇسۇلدا مەبلەغ كىرگۈزگەندە ئالدى بىلەن بۇ ئىناۋەتلىك كارتىڭىزدا چوقۇم دوللار بار بولغان بولىشى كىرەك، مەبلەغ كىرگۈزۈش جەريانىغا ھىچ كىشى ئارىلاشمايدۇ. مەبلەغ ناھايىتى تىزلا ھىسابىڭىزغا كىرىدۇ.ئەمما تاشقى پىرىۋوت ھىسابىڭىزدىكى مەبلەغنى چىقارماقچى بولغاندا ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق چىقارسىڭىز تەخمىنەن بىر ئايلاردا كارتىڭىزغا كىرىدۇ، ھەم رەسمىيەت ھەققىمۇ كۆپرەك.شۇڭا مەبلەغ چىقارغاندا ئەڭ ياخشىسى بۇ ئۇسۇلنى قوللانمىغىنىڭىز تۈزۈك.

    كەمچىلىكى:بۇ خىل ئۇسۇل ناھايىتىمۇ قولايلىق بولغىنى بىلەن، بۇ  双币种信用卡نى بىجىرىش جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ. ئەگەر سىزنىڭ بانكا تەرەپنى قايىل قىلارلىق مۇقۇم مۈلۈك، مۇقۇم كېرىم مەنبە گە ئائىت ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىمىسىڭىز رەسمىيەت بىجىرىپ بەرمەيدۇ. بىجىرىپ بەرگەن ھالەتتىمۇ  كەم دىگەندە 1-2 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ.

    بۇ خىل ئىناۋەتلىك كارتىنى جۇڭگو بانكىسىدا بېجىرسىڭىز نىسبەتەن قولايلىقراق.

    4.LR ئارقىلىق مەبلەغ كىرگۈزۈش

    خەلقئارادىكى داڭلىق تونۇلغان تور بانكىسى بولۇپ،نۇرغۇنلىغان تور سودىسى قىلىدىغان، توردا مەبلەغ سىلىش مۇھىتى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان شىركەتلەر بۇ تور بانكىسى  ئارقىلىق مەبلەغ كىرگۈزۈش، مەبلەغ چىقىرىش مۇلازمىتنى يولغا قويغان.

    LRتور بانكا مۇلازىمەت سۇپىسى 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىشەنچىلىك دەرىجىسى، بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقۇرى. بۇ ئۇسۇل بىلەن مەبلەغ كىرگۈزگەندە ئالدى بىلەن LR تور بانكا سۇپىسىدىن بىر ھىساپ نۇمۇرى ئىلتىماس قىلىىسىز، ئۇندىن كېيىن توردا مەخسۇس خەلق پۇلىنى LR غا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بەتلەر ئارقىلىق بانكا كارتىڭىزدىكى خەلق پۇلىنى شۇلارنىڭ ھىسابىغا ئۇرسىڭىز ئۇلار پۇلىڭىزنى شۇ ۋاقىتتىكى ئايرىۋاشلاش نىسپىتى بويىچە دوللارغا ئايلاندۇرۇپ سىزنىڭ LRھىسابىڭىزغا يوللاپ بېرىدۇ، ئۇندىن كىيىن بۇ LR دوللارنى تاشقى پېرىۋوت شىركىتىنىڭ LR ھىسابىغا ئۇرۇپ بەرسىڭىزلا 10 سىكۇنتقا قالماي تاشقى پېرىۋوت ھىسابىڭىزغا كىرىپ بولىدۇ. پۈتۈن جەرياندا ئۆزىڭىز مەشغۇلات قىلىسىز ، بانكا ، پوچتا بانكىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئارىلاشمايدۇ.پۇل چىقىرىش جەريانىم شۇنداق ئاددى بولۇپ پۇل چىقىرىش ئىلتىماس قىلىنغاندىن كېيىن تاشقى پىرىۋوت شىركىتى  دوللارنى LR ھسابىڭىزغا ئۇرۇپ بېرىدۇ،كىيىن سىز بۇ ھېسابىڭىزدىكى LR لارنى بايىقى ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بەتلەر ئارقىلىق، خەلق پۇلىغا ئايلاندۇرۇپ بانكا كارتىڭىزغا قايتۇرۇپ كېلەلەيسىز، LRئارقىلىق پۇل يوللىغاندا LR تور بانكىسى %1 مۇلازىمەت ھەققى تۇتۇپ قالىدۇ، بۇ ئۇسۇل كىچىك سوممىلىق ($2000  دىن توۋەن) مەبلەغ كىرگۈزگۈچىلەرگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ.

    (داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ)

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • كەلگەن قەدەملىرىڭىز قۇتلۇق بولسۇن، بىللە ئىگىرلەيلى!
  • ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلاپ كەلدى،بلوگىڭىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمىز!